«جېن خۇەن»نىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى نيۇخۇرۇ لىڭجۇ بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىچىدە تۆتىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىدى. بۇ قانداق ئۇقۇم؟ بۇ بىزنىڭ ھازىرقى مەھكىمە، ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزغا ئوخشايدۇ، قىلىدىغان خىزمىتى پائالىيەتلەردىكى ئېلانچى ۋە رىياسەتچىدىن ئىبارەت. لىڭجۇ دېگەن بۇ ئادەم قارا نىيەت ئىدى، بىراق ئۇ قانداق قىلسۇن ئامەت ۋە تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي، پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئەمەلدار بولالىغان. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۈمىدىنى مۇشۇ قىزىغا باغلىغان.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى