كاڭشى خان خۇڭلىنى گۇگۇڭ سارىيىغا ئېلىپ كىرگەن، پادىشاھ ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغىنىدا، ھەمىشە خۇڭلىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن، بۇ مەمۇرىي پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن، مۇھاكىمە قىلىۋاتقان تېما ئىنتايىن زېرىكىشلىك ئىدى، لېكىن خۇڭلى ياندا تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ھېچقانداق بىزارلىق ھېس قىلمايتتى، بوۋىسىنىڭ پارىڭىنى بۆلمەي ئۈن-تىنسىز تۇراتتى، ھەتتا چوڭراق نەپەس ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى. بەزىدە كاڭشى خان خەت يازاتتى، بۇ چاغدا خۇڭلى بوۋىسىغا ياردەملىشەتتى. بۇنىڭدىن كاڭشى خان ئىنتايىن خۇشال بولاتتى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى