ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بايرىمىنىڭ باش تېمىسى بولغان بۇ چىراغنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى قارا سىرلانغان، سېرىق ھەل بېرىلگەن بولۇپ، گۆھەر قاپقاق، چىراغ گەۋدىسى ۋە چىراغ باشىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. چىراغ گەۋدىسى قاپاقسىمان بولۇپ، رەڭلىك رەسىملىك ئەينەك چىراغ يەلپۈگۈچى قىلىنغان، ئۇنىڭغا جۇخارگۈل چېكەتكە، مودەنگۈل كېپىنەك، لەنجى قۇشقىچى، مېيخۇا قوش كېپىنەك رەسىمى قاتارلىق نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدۇ، ھەرىكەتلىرىمۇ بىر-بىرىگە ماس كېلىدۇ. چىراغ ئاستىدا ئاسما باشاق بار. چىراغ باشىقىغا ئېسىلغان كەشتە قاپچۇقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ بۇ كەشتە ھۈنىرى ئادەتتىكىچە ئەمەس، سۇجۇدا توقۇلغان، ئۈستىدىكى نەقىشلەردىن شەپەرەڭ، شاپتۇل، ئانار قاتارلىقلار بار بولۇپ، بەخت-سائادەت، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ئۇرۇق-ئەۋلادى كۆپ بولۇشقا ئايرىم-ئايرىم سىمۋول قىلىنغان. بۇ قاپچۇقلارغا خۇش پۇراق ماتېرىياللار قاچىلانغان بولۇپ، شام يانغاندا خۇش پۇراق تارقىتىدۇ، بۇ چىراغ يورۇتۇپلا قالماستىن، خۇشپۇراق تارقىتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى