ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بايرىمىنى باش تېما قىلغان چىراغ قاپاقسىمان بولۇپ، مىس ئېماللىق ئەينەك قاپلانغان قاپاقسىمان قۇت-ئامەت ئاسما چىرىغى.
بۇ چىراغنىڭ سىرتقى يۈزى يۆگىمەچ نېلۇپەر سىزىقچىلىرى بىلەن بېزەلگەن، چىراغ گەۋدىسى مىس ئېمال ھۈنىرى بىلەن ياسالغان. مىس ئېمال ھۈنەر-سەنئىتى-مىسنىڭ ئۈستىگە ساپال سىرى سۈركەپ، كۆيدۈرۈش، رەڭدار نەقىش سىزىش، پارقىرىتىش ئارقىلىق ياسالغان مېتال ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ، خەنزۇچە قاپاق دېگەن خەت «بەخت»، «قۇت-ئامەت» دېگەن خەتلەر بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ، ئۇنىڭغا «بەخت-سائادەت»، «قۇت-ساغلاملىق» قاتارلىق قۇت مەنىلىرى بېرىلگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى