بۇ چىراغ خەنزۇچە يامبۇ بىلەن قوش خۇشاللىق خېتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بىرىكىشىدىن ياسالغان بولۇپ، يۈزىگە توپ-توپ ئۆمۈر سىزىقلىرى، ئاقما بۇلۇت سىزىقلىرى، قوش خۇشاللىق خېتى قاتارلىقلار ئويۇلغان. بۇـــ تۇڭجى خان توي قىلغان چاغدىكى خانىش ئالۇت جەمەتىنىڭ قىز مېلى ئىدى. بىراق، «توي مۇراسىمى قىزىل ئارخىپى» ۋە «گۇاڭشۈنىڭ توي رەسىمى»دىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، گۇاڭشۈ خان توي قىلغاندا خانىش يېخېنارا جەمەتىنىڭ قىز مېلى ئىچىدە ئوخشاشلا مۇشۇ خىلدىكى شامدان بار ئىدى، بۇنىڭدىن چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ بۇ خىل شەكىلدىكى چىراغلارغا ئىنتايىن ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى