گۇگۇڭدىن باشلاپ، جۇڭخۇا تارىخى-مەدەنىيىتىنى چۈشىنەيلى | يۇمشاق سىم بىلەن ئېماللانغان تەيپىڭ پىلسىمان چىرىغى
18:16:26 2022-02-15
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى
بۇ چىراغنىڭ گەۋدىسى پىل گۆھەر قۇتىسىنى يۈدۈۋالغان ھالەتتە بولۇپ، قۇتىغا ھەر خىل نەقىش چىقىرىلغان، ئۈستىدە تۆت چاسا شەكىللىك مىس تەگلىك شامدان بار، سىرتقى قېپىنىڭ تۆت تەرىپىگە ئەينەك قاپلانغان، يۇمشاق سىم بىلەن ئېماللانغان مىس چىراغ قېپى ئورنىتىلغان. پىلغا سېرىق ھەل بېرىلگەن، پىلنىڭ دۈمبىسى بۇلۇت، شەپەرەڭ نەقىشلىك ئاسما گىلەم، گۈللۈك لېنتىلار، ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلەنگەن. قارىماققا ئىنتايىن نەپىس، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:
索尼亚·艾来丁