چىڭچېڭ چىرىغى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا ئەجدادلارغا نەزىر-چىراغ قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان ئوردا پانۇسى، ھەر يىلى يۈەنشياۋ بايرىمى مەزگىلىدە تەيمياۋ بۇتخانىسى، فېڭشيەنديەن قەسىرى ۋە شوۋخۇاڭديەن قەسىرىگە قويۇلاتتى. چىڭچېڭ چىرىغى قىزىل سىرلىنىپ بېزەلگەن، سېرىق ھەل بېرىلگەن، چىراغنىڭ شەكلى «خەيرلىك» دېگەن مەنىدىكى «吉» خېتىگە ئوخشايدۇ، چىراغ گەۋدىسىگە ئورنىتىلغان مۈڭگۈز پارچىسى قوي مۈڭگۈزىنى سىلىقلاپ نېپىزلاش ئارقىلىق ياسالغان، مۈڭگۈز پارچىسىنىڭ ئىچىگە ئالتۇن ئەجدىھا سۈرىتى نەقىشلەنگەن. چىڭچېڭ چىرىغىنى ئېسىشتىكى مەقسەت-خەيرلىك ئىش قىلىش، بەخت-سائادەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. چىڭچېڭ چىرىغىنى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى نەزىر-چىراغ قىلغاندا ئەجدادلىرىنىڭ تۆھپىسىنى ياد ئېتىش، قەدىمكى ئاقىللارغا ۋارىسلىق قىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياقاتتى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى