ياتاق ئۆيگە ماي بوياق رەسىم ئاسماڭ
17:05:24 2022-02-28 تىيانشان تورى

  نۆۋەتتە ئۆي ئىچىنى زىننەتلەش ئۈچۈن ئېسىلىدىغان رەسىملەر ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل مەسلە مەۋجۇت: بىرىنچىدىن، بىر قىسىم رەسىم رامكىسى بىخەتەر ئەمەس، بۇ خىل رامكىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوتتۇرا زىچلىقتىكى تالالىق تاختىدىن ياسىلىدۇ. دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغان رامكىلار ئېغىر بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆۋەن زىچلىقتىكى تالالىق تاختىدىن ياسىلىدۇ. بۇنداق تاختايلاردا فورمالدېھىد، بېنزول قاتارلىقلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىككىنچىدىن، ماي بوياق رەسىملەرگە ئىشلىتىدىغان بوياقلارنىڭ تەركىبدە مەلۇم مىقداردا سىتىبىي. ئارسېن، بارىي، سىماب، سېلىن قاتارلىق ئېلېمىنىتلار بار، بۇ ئېغىر مېتاللارنى ئادەم كۆپ سۈمۈرۈۋالسا سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، باسما ئەسەرلەر، سۇ بوياق رەسىملىرى، جۇڭگوچە رەسىملەر نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، بىر قىسىم يېپىشقاق تەركىبلىك ماتېرىياللاردىمۇ كۆپ مىقداردا فورمالدېھىد ۋە بېنزول بار.
  شۇنىڭ ئۈچۈن سىر ۋە يىلىم ئاز ئىشلىتىلگەن، بەك قېنىق رەڭلەر ئىشلىتىلمىگەن رەسىملەرنى تاللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بۇ رەسىملەردىن دىماقنى غىدىقلايدىغان پۇراق چىقىدىغان–چىقمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. رەسمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە بىر مەزگىل قويۇپ ، ئاندىن تامغا ئېسىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125