تۇغۇتلۇق ئاياللار دورا ئىشلىتىشتە چەكلىنىدىغان بۇ ئىشلارنى بىلەمسىلەر؟
16:07:23 2022-03-02 تىيانشان تورى

ئەسلىي تېمىسى: بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار كۆرۈڭلار! دورا ئىشلىتىشتە چەكلىنىدىغان بۇ ئىشلارنى بىلەمسىلەر؟ 

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار كۆرۈڭلار

دورا ئىشلىتىشتە بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك!

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلارنىڭ دورا ئىشلىتىشى ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئانىلار بۇنىڭغا چوقۇم ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلەتمەسلىك، دوختۇر ۋە دورىگەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېمىتىش مەزگىلىدە بىخەتەر ئىشلىتىشكە بولىدىغان دورىلارنى ئالدىن تاللاش، دورىنىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.

ئېمىتىش مەزگىلىدىكى دورا ئىشلىتىش پىرىنسىپى

ئامال بار يەككە تەركىبلىك دورىلارنى تاللاش، بىرىكمە دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تېز ئۈنۈملۈك دورا تىپىنى تاللاش، ئاستا ئۈنۈملۈك/قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلىگۈچى دورىلار تىپىدىن ساقلىنىش كېرەك.

دورا ئىچىش ۋاقتىنى تاللىغاندا ئېمىتىپ بولۇپلا دەرھال ئىچىش، ئەڭ ياخشىسى بوۋاق ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىش كېرەك.

دورا ئىشلەتكەن مەزگىلدە بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك

ئېمىتىش مەزگىلىدە بىخەتەر ئىشلىتىشكە بولىدىغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار

چىڭمېيسۇ ھەم توۋباۋجۈنسۇ تۈرىدىكىلەر _ كاڭشېڭسۇ

دۈييى شيەنئەن جىفېن ھەم بۇلوفېن

زۇكام، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى

لۈلېي تادىڭ ۋە شىتى لىچىن

زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلار

بۇ دورىلارنى ئېمىتىش مەزگىلىدە قەتئىي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

بەزى دورىلار ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تېنىگە كىرگەچكە، ئېمىتىش مەزگىلىدە بوۋاقلارنىڭ توقۇلما ئەزالىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىغان دورىلارنى قەتئىي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

يودلۇق دورىلار

دورىلارنىڭ 27%ى سۈت ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تېنىگە كىرىپ، مېڭە ئاستى بېزى ئاجرالمىسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تورمۇزلاپ، قالقانسىمان بەز ھورمونىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مورفىن تۈرىدىكى خۇمار قىلىدىغان ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار

سۈتتىكى مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېمىتىۋاتقان ئانىنىڭ دورا ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغاچقا، بوۋاق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، نەپەسلىنىش مەركىزىي نېرۋىسىنى تورمۇزلاپ، بوۋاقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

سىخۇەنسۇ تۈرىدىكى دورىلار

بوۋاقلاردا سىخۇەنسۇ چىشى پەيدا قىلىدۇ

يىيەنجىڭ، جيابىڭ ئەنجى، مەيجياۋئەن

ئېمىۋاتقان بالىلاردىكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەنجى بىلىن تۈرىدىكى دورىلار

بوۋاقنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

خۇاڭئەن تۈرىدىكى دورىلار

بوۋاقتا خې خۇاڭدەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

دىشىپەن (ئەندىڭ)

ئېمىۋاتقان بالىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ چۈشۈشىنى، يۇقىرى بىلىرۇبىنلىق قان كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

كانامېيسۇ، چىڭدامېيسۇ

ئېمىۋاتقان بالىلاردىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئەگەر ئانىنىڭ كېسىلى سەۋەبىدىن جىددىي ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئېمىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەمدە سۈتنى قەرەللىك سېغىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. دورىنىڭ بەشتىن يەتتىگىچە بولغان يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېمىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.

  ئىشلىگۈچى: سۈن خۇڭلى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125