ئالما پوستىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىڭ
18:13:36 2022-03-03 تىيانشان تورى


ئالمىنىڭ پوستى لەۋنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنى ئالما پوستىنى ئۇشاق چاناپ لەۋگە چاپسا يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چۇنكى ئالما تەركىبىدىكى كىسلاتالىق تەركىپ كالپۇكنى نەم ۋە سىلىق قىلىدۇ، شۇنىڭدەك كالپۇكنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئالما پوستىنى ئۇششاق چاناپ، ئۇنىڭغا ھەسەل قوشۇپ ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كالپۇككا سۈرسىمۇ ئۇنىڭ كالپۇكنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئالما پوستىنى بەدەنگە سۈرسە ھارغىنلىقنى ئالىدۇ. يۇيۇنغاندا ئالما پوستىنى لاتىغا ئوراپ يۇيۇنىدىغان سۇغا سېلىپ قويۇپ يۇيۇنسا ياكى ئۇنى بىۋاستە بەدەنگە سۈرۈتسە ئالما تەركىبىدىكى پولىفىنول تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالمىنىڭ پۇرىقى ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلاپ ھارغىنلىقنى تۈگۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئالما پوستى قازاننىڭ قارىسىنى ئالىدۇ. قازان ۋە چۆگۈننىڭ تېگىنى ئوتقا تۇتىۋەرگەچكە قارىداپ كېتىدۇ، ئۇنى ئادەتتە يۇيۇشمۇ بەك تەسكە توختايدۇ. بىراق ئالما پوستىنى سۇدا قاينىتىپ ئۇنىڭ سۈيىدە قارىداپ كەتكەن قازان ۋە باشقا ئاشخانا بويۇملىرىنى يۇيغاندا ئالما پوستىدىكى ئورگانىك كىسلاتا بىلەن قازاننىڭ قارىسى خېمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125