چىشقا زىيانلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىلىۋېلىڭ
12:56:19 2022-03-04 تىيانشان تورى

1. چىش يۇغاندا ئېغىزنى كۈچەپ چايقاش. غىزالانغاندىن ھاسىل بولغان كىسلاتا ۋە شېكەر چىش ئىمال ماددىسىنىڭ ئاسراش رولىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، تاماقتىن كېيىن چىشنى چوتكىلىغاندا، چىش ئىمال ماددىسى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا تاماق يەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن چىش يۇيۇش، چىش يۇغاندا ئېغىزنى كۈچەپ چايقاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2. يېمەكلىكنى دائىم ئېغىزنىڭ بىر تەرىپىدە چايناش. بۇ يۈز شەكلىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. يېمەكلىكنى دائىم ئېغىزنىڭ بىر تەرىپىدە چاينىسا يۈز شەكلىگە تەسىر يېتىدۇ.

3. چىشىدا دائىم قاتتىق نەرسىلەرنى چېقىپ يېيىش. قىسمەن كىشىلەر چىشىدا قاتتىق پوستلىق نەرسىلەرنى چېقىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇ چىشنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

4. ئۇخلاش ئادىتىمۇ چىش ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇخلىغاندا قولنى يۈزىگە قويۇپ ياتسا ياكى ئىڭىكىنى يۆلەپ ياتسا، يۈز شەكلىگە تەسىر يېتىدۇ.

5. دائىم باش بارماقنى شوراش. بۇ ئادەتتە بوۋاقلار ۋە ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، بىراق بۇ ئادەت يەنە داۋاملاشسا، بۇ چىش گۈزەللىكى ۋە چىش ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

6. تىلىنى چىقىرىش ۋە چىش يالاش ئادىتى كۆپىنچە بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇ ئادەت چىش ساغلاملىقىغا زىيانلىق.

7. چىشنى قالايمىقان كوچىلاش. چىشنى قالايمىقان كوچىلىغاندا چىش ئارىلىقى كېڭىيىپ، چىش ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125