ئەنگلىيە بىرمىڭخام داشۆسى ۋە گېرمانىيە ئوزۇقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا، دائىم تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ چىشى چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
23 مىڭ كىشى ئوبيېكت قىلىنغان بۇ تەتقىقات تۈرىدە تەتقىقاتچىلار ئوخشاشمىغان ياشتىكى ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تاماكا چېكىش ۋە تاماكا تاشلاشنىڭ چىشنىڭ چۈشۈشىگە بولغان تەسىرىنى باھالاپ چىققان. نەتىجىدە تاماكا چېكىش بىلەن چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئوتتۇرا ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ياشلاردا روشەن ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ چىشىنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپى 3.6 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، تاماكا خۇمارى قانچە كۈچلۈك بولسا، چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
ئەنگلىيە كامبىرىج داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى توماس دېتىرىتنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 65 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغانلاردا چىشى تەبىئىي چۈشۈپ كېتىدىغان كىشىلەر تەخمىنەن %30نى ئىگىلەيدىكەن. كۆپلىگەن چىشنىڭ چۈشۈپ كېتىشى چىشنى قۇرت يېيىش ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك چىش ئەتراپى ياللۇغىدىن بولىدىكەن. تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ چىش ساغلاملىقىغا قارىتا بىر خاتا سېزىم بولۇپ، قارىماققا چىش ساغلام كۆرۈنىدىكەن، چۈنكى تاماكا چەككەندە چىشنىڭ قانىشىنى يوشۇرغىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن چىش ئەتراپى ياللۇغى خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
گېرمانىيە ئىنسانلار ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى: چىش كېسەللىكلىرى ۋە ئىككىلەمچى چىش چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى تاماكا چېكىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيىنىنىڭ ئەڭ روشەن نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ نەتىجە تاماكا چېكىدىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تاماكا تاشلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەنبە: تىيانشان تورى