قاندا شېكەر مىقتارى ئېشىپ كەتكەنلەر يوۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە بولىدۇ
16:20:50 2022-03-07 تىيانشان تورى

ھازىر دەل يۇۋزىنىڭ كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىنىۋاتقان مەزگىلى، ساغلام كىشىلەردىن باشقا، بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن قان قەنتىنى كونترول قىلىدىغان كىشىلەر مېۋە-چېۋە يېگەندە يۇۋزىنى ئالدىن تاللىسا بولىدۇ.

يۇۋزىنىڭ سۇ مىقدارى يۇقىرى، ئېنېرگىيەسى تۆۋەن، ھەتتا باناننىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ، ئورۇقلاشنى ئويلىغان سېمىز كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. قان قەنتى كۆرسەتكۈچى (GI) پەقەت 25، قان قەنتى كۆرسەتكۈچى تۆۋەن مېۋە-چېۋىگە تەۋە.

«جۇڭگو ئاھالىلەر يېمەكلىك قوللانمىسى (2016)» دا مۇنداق تەكلىپ بېرىلگەن، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە 350~200 گىرام مېۋە-چېۋە يېسە بولىدۇ، ئەگەر يۇقارقى ئۆلچەم بويىچە 350 گىرام يۇۋزى يېگەندە، قان قەنتى يۈكى (قان قەنتى كۆرسەتكۈچى × قوبۇل قىلىنغان پايدىلىنىدىغان كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ مىقدارى / 100، يېمەكلىكنىڭ قان قەنتىگە بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرىدۇ) پەقەت 7.3، قان قەنتىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كىچىك، تاماقتىن كېيىن يېگەندىمۇ قان قەنتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا، يۇۋزىنىڭ ۋىتامىن C تەركىبى 23 مىللىگىرام /100 گىرام، لىمون بىلەن (22 مىللىگىرام/100 گىرام) پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن لىموننىڭ كىسلاتالىقى كۈچلۈك، شۇڭا يۇۋزىنى يېگەندەك چوڭ-چوڭ چىشلەپ يېگىلى بولمايدۇ، كۈنىگە 350 گىرام يېسە بولىدۇ، بۇنىڭدىن 80.5 مىللىگىرام ۋىتامىن C غا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ۋىتامىن C تولۇقلاشتا بىرقەدەر ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، شىيۇۋنىڭ تەركىبىدىكى فۇران كوئۇمارىن نۇرغۇن دورىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، شياۋبېن دىپىڭ، ئەنلۈ دىپىڭ، لاشى دىپىڭ قاتارلىق قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايدۇ، بۇنىڭدىن قان بېسىم تۆۋەنلەپ، يېنىك بولغاندا باش قېيىش، ھودۇقۇش، ماغدۇرسىزلىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا، تاتىڭ تۈرىدىكى ماي تەڭشەش دورىسى، مەيۈسلىككە قارشى تۇرۇش دورىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بۇ دورىلارنى ئىچىۋاتقان بولسىڭىز، شىيۇۋنى يېمەڭ.

ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يۇۋزىنى كۆتۈرگەندە ئېغىر بىلىنسە، پوستى نېپىز، گۆشى توقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سىرتقى پوستى سىلىق بولغانلىرى يېڭى كېلىدۇ، سۇسىزلانغانلىرىنىڭ تېرىسى پۈرۈم-پۈرۈم كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تېرىسى سىلىق بولماي، ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولسا، ماي بېزى بىرقەدەر تەرەققى قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق يۇۋزى تەمسىز كېلىدۇ.

 مەنبە: تىيانشان تورى

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125