كوناشەھەر ناھىيەسى قەشقەرنىڭ «گۆش، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرى، مېۋە ـ چېۋە، كۆكتات، سۈت» بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، كالا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.
ئىمىن تەۋەككۈل كالا فېرمىسىدا كالىلارغا يەم- خەشەك بارمەكتە.
3- ئاينىڭ 19- كۈنى، كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى تۆۋەنكى ھويلا كەنتىدىكى باقمىچى ئىمىن تەۋەككۈل ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا، باقمىچىلار ھويلا- ئارانلارنى تازىلاش، قوتان قۇرۇقداش، كالىلارغا يەم- خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، باقمىچىلىق بازىسىدا سىلوس ئورىسى، شاخ توغراش ماشىنىسى قاتارلىق باقمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.
ئىمىن تەۋەككۈل مۇنداق دېدى: ھازىر مېنىڭ 90 نەچچە تۇياق كالام بار، كۆپىنچىسى سىمېنتال كالىسى، 20سى سېغىن كالا، ھەر يىلى 350 مىڭ يۈەندىن 400 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىمەن، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ھازىرقىدەك چوڭ باقمىچىلىق فېرمىسىغا ئىگە بولالىدىم، پارتىيە- ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
ئىمىن تەۋەككۈل ئائىلىسىنىڭ كالا فېرمىسى.
روزى مامۇت(ئوڭدا) بىلەن ئىمىن تەۋەككۈل(سولدا) يەم- خەشەك تەييارلىماقتا.
كالا بېقىشتا ئاچقۇچلۇق بولغىنى − يەم- خەشەك. بېدە − يەم- خەشەكنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى. ئىمىن تەۋەككۈل 230 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، بېدە تېرىدى. بۇنىڭ بىلەن كالىلىرى يېڭى بېدە يېيەلەيدىغان بولدى. كالىنىڭ قىغىنى بېدە ئېتىزىغا چېچىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتتى. ئىمىن تەۋەككۈل يەنە يەم- خەشەك ماشىنىسى ۋە ئاپتوماتىك سۇغىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. يەنە باقمىچىلىق تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى باقمىچىلىق قىلىش ئارزۇسى بارلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، دېھقانلارنى بىرلىكتە بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.
روزى مامۇت(سولدا) كالا فېرمىسىدا خىزمەت قىلماقتا.
كونىشەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىسى ئاياغ چارەك كەنتىنىڭ ئاھالىسى روزى مامۇت مۇنداق دېدى: مەن ئىمىن تەۋەككۈلنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەيمەن، مەن بۇ يەردە تېخنىكا ئۆگەنگەچ، پۇل تېپىۋاتىمەن، ھازىر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن.
نۇربىيەم ئېزىز كالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
كونىشەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىلىق چارۋا- مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى نۇربىيەم ئېزىز مۇنداق دېدى: چارۋىچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ، يېزىمىزدا بۇلتۇر 12 مىڭ تۇياق كالا بار ئىدى، بۇ يىل كالا سانى 15 مىڭ 800 تۇياققا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 3800 تۇياق كۆپەيدى، بىز ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە كارانتىن خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزىمىزنىڭ باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.