يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە يېمەكلىكلەرنى قانداق ساقلاش كېرەك؟ بۇ ئىككى خىل مېۋىنى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ
17:16:19 2022-04-07 تىيانشان تورى

 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە، سىرتقا چىقىش ۋە توپلىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ئۈچۈن ئۆيدە تاماق ئېتىش بىر خىل ئادەتتىكى ئەھۋال بولۇپ قالدى. قانداق قىلغاندا يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي، ئەڭ ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ؟

 بۇنىڭغا قارىتا، خۇنەن ئۆلكىلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستېمال ئەسكەرتمىسىدە: يېمەكلىكنى مۇۋاپىق مىقداردا، ئىلمىي ئۇسۇلدا ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، خام، ھۆل يېمەكلىكلەرنى ۋە ساقلاش مۇددىتى بىرقەدەر قىسقا يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلىماق تەس، شۇڭا بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ سېتىۋالماسلىق كېرەك، دېيىلدى.

 ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا ساقلاش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلارنى بەك كۆپ سېتىۋالماسلىق كېرەك. جۈزە تۈرىدىكىلەر ۋە باناننى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ، ئۆيدىكى سالقىن جايغا قويۇپ قويساقلا بولىدۇ، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەردە ناھايىتى ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ، ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ.

 موما قاتارلىقلار ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتسە توڭلىتىپ ساقلاش كېرەك

 گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلارنى ساقلىغاندا پاكىز، قۇرغاق قاچىغا قاچىلاپ، ئۆيدىكى سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان، قۇرغاق جايغا قويۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، كۈن نۇرىدىن يىراق تۇتۇش كېرەك.

 موما، قازان نېنى، بولكا قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا بولىدۇ، ئەمما ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئايرىم قاچىلاپ ھىملىغاندىن كېيىن توڭلىتىپ ساقلاش كېرەك.

 تورت تۈرىدىكىلەرنى ئادەتتە توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ياخشىسى ئىككى كۈن ئىچىدە يەپ بولۇش كېرەك.

 جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان مىشيەننى خالتىغا سېلىپ، ئۆيدىكى سالقىن، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، قۇرغاق جايدا ساقلاش كېرەك. يېڭى، قۇرۇتۇلمىغان مىشيەننى ئەڭ ياخشىسى ھىملاپ نورمال تېمپېراتۇرىدا ياكى سۇغا چىلاپ ساقلاش، ئادەتتە 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلىغاندا ساقلاش ۋاقتى 2 ~ 3 كۈن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

 تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىدىغان يېرىدە ساقلاش كېرەك. يېمەكلىك ئورالمىسى بۇزۇلغان ياكى پېچىتى ئېچىلغان بولسا، يېمەكلىك خالتىسىغا سېلىش، ھەم ئالدى بىلەن خالتا ئېغىزىنى چىڭ بوغۇپ ئاندىن توڭلىتىپ ساقلاپ، يېمەكلىكلەرنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشى ياكى ياغنىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 جۈزە تۈرىدىكىلەرنى ۋە باناننى توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا بولمايدۇ

 ئاسان بۇزۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلارنى ئامال بار كۆپ ساقلىماسلىق كېرەك. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى سوغۇق ساقلاشقا بولىدۇ: ئەڭ ياخشىسى ئۈچ كۈن ئىچىدە يەپ بولۇش كېرەك. دوۋجياۋ، چەيزە، كۆك لازا، لوبو قاتارلىقلارنى ئۆيدىكى سالقىن جايدا ساقلاش لازىم.

 جۈزە تۈرىدىكىلەر ۋە باناننى توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا بولمايدۇ، ئۆيدىكى سالقىن جايغا قويۇپ قويساقلا بولىدۇ. ئالما ۋە نەشپۈتنى توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاشقىمۇ، ئۆيدىكى سالقىن جايغا قويۇشقىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش، پاختىلىشىپ سېسىپ قالغانلىرىنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىپ، باشقىلىرىنىڭمۇ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ

 خام گۆش ۋە بېلىق، راكلارنى شۇ كۈنى يېگەندە توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا بولىدۇ، ئەگەر شۇ كۈنى يەپ بولغىلى بولمىسا، پارچىلاپ، يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىغا سېلىپ، توڭلاتقۇدا توڭلىتىپ ساقلاش كېرەك.

 تۇخۇمنى ساقلاش مۇددىتى كۆپرەك تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە  ئۇچرايدۇ، تېمپېراتۇرا ℃15تىن ئېشىپ كەتمىسە، ساقلاش مۇددىتى 30 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ؛ توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلىغاندا، ساقلاش مۇددىتى 40 ~ 60 كۈن بولىدۇ.

 سۈت ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان سۈت ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان سۈت، دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان سۈتنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلاشقا بولىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان سۈتنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلايدىغان يېرىدە ساقلاش كېرەك.

 پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەردە ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ، ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا، ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دۇفۇ، دوۋجياڭ، نادوۋ قاتارلىق پۇرچاقتىن ياسالغان يېڭى، خام يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلايدىغان يېرىدە ساقلاش كېرەك. ئەگەر، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى چۈچۈمەللىشىپ قالسا، دۇفۇ، پۇرچاق قېقى قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى يۈزى سىلىق بولۇپ قالسا ياكى ئېلاستىكلىقى يوقىغان بولسا، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى، ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125