بۆلجۈرگەننى كۆپ يېسە سەمرىپ كېتەمدۇ؟ دانىسى يوغانلىرىغا يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنمۇ؟ جاۋابىمىزغا قۇلاق سېلىڭ
18:02:57 2022-03-29 تىيانشان تورى

 باش باھاردىكى 3- ئايدا تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆيدە ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر بىر تەخسە چۈچۈمەل تاتلىق، ئوزۇقلۇقى مول بۆلجۈرگەن بولسىلا، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بىراق بۆلجۈرگەننى كۆپ يېسە سەمرىپ كېتەمدۇ؟ بۆلجۈرگەننىڭ دانىسى يوغانلىرىغا يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنمۇ؟ ياخشى بۆلجۈرگەن قانداق بولىدۇ؟

 بۆلجۈرگەننى كۆپ يېسە، سەمرىپ كېتەمدۇ؟

 شاڭخەي شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق، لېكىن سەمرىپ كېتىشتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن بۆلجۈرگەن ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن. بۆلجۈرگەن مېۋە شېكىرى مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، يېيىشلىك مېۋە بولۇپ، ئەگەر ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەۋالمىسىلا، ئۇنى «ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتى» دېيىشكە تامامەن بولىدىكەن.

 «ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى يەتتە تال بۆلجۈرگەنلا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بىر كۈنلۈك ۋىتامىنC نى تولۇقلىيالايدۇ.» ماقالىدە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېيىلدى: بۆلجۈرگەننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100 گىرامىدا ئاران 34 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بولىدۇ، مېۋىسىنىڭ %90ى سۇ، پەقەت %7.5ىلا كاربون سۇ بىرىكمىسى، %2.5ى باشقا ماددا بولىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارىمۇ مېۋە- چېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. كىشىلەر ئادەتتە لىمون بىلەن ئاپېلىسىننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر 100 گىرام بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىنC مىقدارى 47mg بولىدۇ، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى لىموندا ۋىتامىنC مىقدارى ئاران 22mg.

 بۆلجۈرگەننىڭ دانىسى يوغانلىرىغا «يوغىنىتىش دورىسى» ئىشلىتىلگەنمۇ؟

 بازاردىن بۆلجۈرگەن سېتىۋالغاندا، شەكلى غەلىتە، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، قىزىرىشى تەكشى بولمىغان بۆلجۈرگەنلەرنى ئۇچرىتىمىز، بەزىلەر بۇنى يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنلىكتىن، دەپ قارايدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، بۆلجۈرگەننىڭ چوڭ- كىچىك بولۇشى نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، سورتى، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بەزى تۈردىكى بۆلجۈرگەنلەر تەبىئىي يوغان كېلىدۇ، مەسىلەن، بىز دائىم يەيدىغان جاڭجى بۆلجۈرگىنى، بۇ ئاساسلىقى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن ئەلا سورت. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى پىشىقىدا ئۈزۈلگەن بۆلجۈرگەنلەرمۇ كېيىنكىلىرىدىن چوڭ بولىدىكەن.

 ئۇنىڭدىن باشقا، «يوغىنىتىش دورىسى» (ئىلمىي نامى خىلوروپىررول ئۇرېيە) يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان، دۆلەت تەستىقلىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدىكەن، پەقەت بۆلجۈرگەننىڭ تەمىگىلا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن، مەسىلەن، بۆلجۈرگەننىڭ چۈچۈمەل ياكى تەمسىز، ئىچىنىڭ كاۋاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئادەتتە پۇراقلىق، تەملىك بۆلجۈرگەنگە يوغىنىتىش دورىسى ئىشلىتىلمىگەن بولىدىكەن.

 كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق- يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە مىزانىنى تۈزگەن، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىر يۈرۈش قاتتىق بولغان خەۋپ- خەتەرنى باھالاش تۈزۈمى ئورناتقان. دۆلىتىمىز خەلقئارا مىزانغا ئاساسەن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرى بىخەتەرلىكىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر يوغىنىتىش دورىسىنى زەھەرلىكلىكىنى باشقۇرۇش ھاجەتسىز ماددىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قالدۇقىغا بىخەتەرلىك چەك ئۆلچىمى بېكىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن.

 بۆلجۈرگەننىڭ قاندىقى ياخشى؟

 بۆلجۈرگەن ئۈزمەكچى بولساق، قايسى ۋاقىت ئەڭ مۇۋاپىق؟

 ماقالىدە مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى: «ئەسلىھەلىك بۆلجۈرگەن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى» (NY3848 -2021)دىكى تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، مېۋىنىڭ رەڭگە كىرىش دائىرىسى %80 ~ %90كە يەتكەن ۋاقىت بۆلجۈرگەن ئۈزۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ھېسابلىنىدىكەن، ئەڭ ياخشى ئۈزۈش مەزگىلى سەھەردە شەبنەم قۇرىغاندا ياكى كەچقۇرۇن ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن بولۇپ، ئۈزگەندە مېۋە سېپى بىلەن گۈلكاسىسىنى قوشۇپ ئۈزۈش، مېۋە سېپىنى قالدۇرماسلىق كېرەك.

 ئەڭ ياخشى بۆلجۈرگەن تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: «بۆلجۈرگەننىڭ دەرىجە ئۆلچىمى» (2009- 1789 NYT)بويىچە شۇ تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇشى، سىرتقى يۈزى پارقىراق بولۇشى، لاي- توپا بولماسلىقى؛ گۈلكاسىسى بولۇشى، گۈلكاسىسى بىلەن مېۋە ساپىقى يېڭى، يېشىل بولۇشى كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سۈپىتى، يېڭى پېتى ساقلىنىشى ۋە ئوراپ قاچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئىنتايىن كىچىك نۇقسانلاردىن باشقا ھېچقانداق نۇقسان بولماسلىقى كېرەك.

 (مۇخبىر سۈن خۇڭلى)

 پايدىلانغان مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125