ئۇخلاش ۋاقتى چوقۇم سەككىز سائەت بولسا ئاندىن ساغلام بولغىلى بولامدۇ؟
15:24:45 2022-03-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئۇخلاش ۋاقتى توغرىسىدا مۇنداق بىر گەپ تارقالغان، ئۇ بولسىمۇ، چوقۇم مەلۇم ۋاقىتنى توشقۇزۇپ ئۇخلاش كېرەك. بەزىلەر سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر يەتتە سائەتلىك ئۇيقۇمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، ئۇخلاش ۋاقتىغا قاتتىق تەلەپ قويۇش خۇددى ئادەمنىڭ تاماق مىقدارىغا تەلەپ قويغانغا ئوخشاش بولۇپ، بەزىلەر بىر ۋاقلىقىغا ئىككى سەر گۈرۈچ تامىقى يېسىلا كۇپايە قىلىدۇ، بەزىلەر بەش سەر تاماق يېمىسە تويمايدۇ، بۇنىڭ قايسىسى نورمال؟

 ئۇيقۇ توسالغۇسىغا خەلقئارادا تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى بار بولسىمۇ، ئۇيقۇسىزلىققا دىياگنوز قويۇشتا «قانچە سائەتتىن ئاز» دېگەن دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى يوق.

 ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ئۇيقۇ ۋاقتى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؟ چۈنكى، ئېنىق ساننى ئامما تېخىمۇ ئاسان ئەستە ساقلىيالايدۇ، بۇنىڭ پايدىسى شۇكى، مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچ كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، پايدىلىنىش قولاي، ئەمما يېتەرسىزلىكى شۇكى، نۇرغۇن كىشىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ئۇخلاش ۋاقتى بۇ ۋاقىتقا يەتمىسە نورمال بولمايدۇ، دەپ قاراپ قالىدۇ.

 گېپىمىزگە كەلسەك، مۇتەخەسسىسلەر كونكرېت ئۇخلاش ۋاقتىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان تەقدىردىمۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇخلاش ئېھتىياجىدا ئانچە كۆپ پەرق بولمايدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلايدىغانلار كۆپرەك، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بەلكىم بۇنىڭدىن ئۇزاق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بۇنىڭدىن قىسقا بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئۇخلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولسا، مەسىلەن، 4 سائەتتىن ئاز بولسا، ياكى ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسا، مەسىلەن، 10 سائەتتىن ئۇزاق بولسا، ھەممىسى سالامەتلىككە پايدىسىز.

 شەخسنىڭ يېتەرلىك ئۇخلىغان- ئۇخلىمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇخلاش ۋاقتىدىن پايدىلانغاندىن سىرت، يەنە بىر ئويلىشىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۈندۈزلۈك فۇنكسىيەسىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى، يەنى كۈندۈزى چارچاش، ئۇيقۇسىراش، زېھنىي كۈچى يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەن- كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك، بۇمۇ بىز دائىم دەيدىغان ئۇيقۇ سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش.

 چۈشلۈك ئۇيقۇغىمۇ قاتتىق تەلەپ يوق، «ئۇخلاش ۋاقتى + ئۇخلاش سۈپىتى» قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكى بىزنىڭ چۈشلۈك ئۇخلاشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، چۈشلۈك ئۇيقۇمۇ شەخسنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن كېچىدىكى ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، چۈشلۈك دەم ئېلىش ئادىتى بار كىشىلەرگە چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى بىر سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125