تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك ماتېرىيالى بىخلىنىپ قالسا، چوقۇم تاشلىۋېتىش كېرەكمۇ؟
16:25:41 2022-04-12 تىيانشان تورى

  نۇرغۇن كىشى تاسادىپىي ئېھتىياجغا تەييارلىق قىلىپ قويۇش ئۈچۈن

  يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى زاپاس تەييارلاپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن

  لېكىن بەزى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئۇزاق تۇرۇپ قالسا ئاسان بىخلىنىپ قالىدۇ

  ئۇنداقتا بىخلىنىپ قالسىلا تاشلىۋېتىش كېرەكمۇ؟

  بۇنىڭغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ 

تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىخلانغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ

    1

  سېرىق پۇرچاق 

  سېرىق پۇرچاق بىخلانغاندىن كېيىن سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بولىدۇ. سېرىق پۇرچاق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدىكى ماي ۋە ئوكسىدسىزلانغان قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، رىبوفلاۋىن، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە ئىزوفلاۋون مىقدارى ئاشىدۇ. 

  2

  كۆك پۇرچاق 

  كۆك پۇرچاق بىخلانغاندىن كېيىن كۆك پۇرچاق ئۈندۈرمىسىگە ئايلىنىدۇ. كۆك پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەتتىكى مېۋە-چېۋە تۈرىدىكى كۆكتاتلارغا قارىغاندا 27 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. 

  3

  ياخشى ئاقلانمىغان گۈرۈچ 

  ياخشى ئاقلانمىغان گۈرۈچ بىخلانغاندىن كېيىن ياخشى ئاقلانمىغان گۈرۈچ بىخىغا ئايلىنىدۇ. ياخشى ئاقلانمىغان گۈرۈچ بىخى يېيىشلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى ئاقلانمىغان گۈرۈچتىن γ- ئامىنو بۇتىرىك كىسلاتا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ھاسىل بولىدۇ. 

  دىققەت: كۆكتات ئۈندۈرمىسى كۆكىرىپ قېلىشتىن جەزمەن ساقلىنىش، يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

  تۆۋەندىكىلەر بىخلانغاندىن كېيىن ئۆتكۈر زەھەر پەيدا قىلىدۇ

  1 

  ياڭيۇ

  ياڭيۇ بىخلانغاندىن كېيىن، زەھەرلىك لوڭكۈي ئىشقارىنىڭ مىقدارى نورمال ياڭيۇنىڭ 50 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، ئېغىزى ئۇيۇشۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىخلىنىپ قالغان ياكى پوستى كۆكەرگەن ياڭيۇلارنى بىۋاسىتە تاشلىۋېتىش كېرەك.

  2

  خاسىڭنى  ئەھۋالغا قاراپ ئايرىش كېرەك

  ئۆيدە ئۆزلۈكىدىن بىخلىنىپ قالغان خاسىڭنى تاشلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  خاسىڭ ئۆزلۈكىدىن بىخلانغاندا، ئادەتتە كۆكىرىپ قالىدۇ. ئەگەر خاسىڭنىڭ پوستى سېرىق ياكى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا، يېگەندە غەيرىي پۇراق چىقسا، ئۇنى ھەرگىز يېمەسلىك كېرەك. 

  ئەگەر مەخسۇس سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرگەن خاسىڭ ئۈندۈرمىسى بولسا، ئۇنىڭدا ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئاللول ئالكوگول، فلاۋون قاتارلىق ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولىدۇ. 

  3

  سۆسۈن خۇڭشۇ 

  سۆسۈن خۇڭشۇ بىخلىنىش جەريانىدا، تۈگۈنەك غولى يۇمشاپ، ئاسان كۆكىرىپ، سېسىپ كېتىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

  تۆۋەندىكىلەر بىخلانغاندىن كېيىن چوڭ تەسىرى بولمايدۇ

  1

  سامساق 

  بىخلىنىپ قالغان سامساقنى كۆكىرىپ سېسىپ قالمىسىلا يېسە بولىدۇ، لېكىن ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 

  2

  زەنجىۋىل 

  زەنجىۋىل بىخلىنىش جەريانىدا زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولمايدۇ، ئەمما ئىچكى ئوزۇقلۇق خورايدۇ. ئەگەر سېسىغان، زەمبۇرۇغ ئۆسكەن بولسا، ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. 

  كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز

  ساغلام ئوزۇقلىنىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرايلى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125