سانجى شەھىرى: باقمىچىلىق قىغ- بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى
21:52:21 2022-04-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يايۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ يۈنجې) «قىغ- بۇلغىمىلار پاكىز تازىلاندى، كەنتنىڭ ھاۋاسى تېخىمۇ ساپلاشتى. كۆپچىلىكنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ھەر كۈنى پاكىز، رەتلىك تۇرمۇش مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭدۇڭخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما جيەنجۇڭ. 

 يېقىندا، ئامما سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭدۇڭخۇ كەنتىنىڭ خېلى كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ھويلىسىدا كالا، قوي، توخۇ قاتارلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى باققانلىقى، غەيرىي پۇراقنىڭ پۇقرالارغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سانجى شەھىرى دەرھال شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى، ئەرليۇگۇڭ بازىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىشكە تەشكىللەپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلدى. 

 ئىگىلىنىشىچە، ئەرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭدۇڭخۇ كەنتى 5- ئەترىتىدە ھازىر باقمىچىلىق ئائىلىسىدىن 24 ئائىلىلىك بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 17 ئائىلە 425 كالا باققان، ئالتە ئائىلە 452 قوي باققان، بىر ئائىلە 2000 توخۇ باققان. باقمىچىلىق كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك بولغاچقا، بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە بىردەك يەتمەي، ئائىلىۋى باقمىچىلىققا تەۋە بولغان. قىش پەسلىدىكى كىلىمات شارائىتىنىڭ تەسىرىدە، باقمىچىلىق ئائىلىسىدىكىلەر قىغ- بۇلغىمىلارنى ۋاقتىدا تازىلىيالمىغان، ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن، قىغ- بۇلغىمىلاردىن پەيدا بولغان غەيرىي پۇراق پۇقرالارغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزگەن. 

 «كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مەخسۇس خادىم ۋە مەخسۇس ئاپتوموبىل ئاجرىتىپ باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە ياردەم قىلىپ ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى ھەم قىغ- بۇلغىمىلارنى تازىلاش ئەھۋالىنى دائىملاشتۇرۇپ تەكشۈردى.» گۇاڭدۇڭخۇ كەنتى 5- ئەترىتىدىكى باقمىچى سەي لياڭيى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز چوقۇم مۇھىت قوغداش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق، مۇھىت بۇلغىمايدىغان باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

 ئەرليۇگۇڭ بازىرىنىڭ بازار باشلىقى تەن يۇڭجى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەرليۇگۇڭ بازىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەرقايسى كەنتلەردىكى باقمىچىلىق كارخانىلىرى ھەم باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» «چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىن بولىدىغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش بويىچە باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ، قىغ- بۇلغىمىلارنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، باقمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ قايتا يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 

 سانجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى ھەرقايسى باقمىچىلىق كارخانىلىرى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانى (ئائىلە)دىكى قىغ- بۇلغىمىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش پىلانى ۋە تىزىملىكى تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق قىغدىن پايدىلىنىش شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش كېلىشىمى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانلىرىدىكى قىغ- بۇلغىمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تۈزەش ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغ- بۇلغىمىلىرىنى شەھەر، بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە چارلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتى. 

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى ھەرقايسى باقمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قەرەللىك ياكى ئىختىيارىي نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، باقمىچىلىق كارخانىلىرى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قىغ- بۇلغىما ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى دائىملاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.   

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿依努尔·阿布力米提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125