ساڭزا سېلىش ئۇسۇلى
13:11:22 2022-04-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 ماتېرىيالى: ئاق ئۈن تۆت چىنە، سۇ ماي 5 جىڭ، باش پىياز بىر باش، كاۋاۋىچىن 20 گىرام، تۇز مۇۋابىق مىقداردا.

 تەييارلاش ئۇسۇلى: پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزۈۋېتىپ. سۈيى سوۋۇتۇلىدۇ (كاۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتۇلىدۇ. ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز سۈيى، كاۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز، چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گىرام چوڭلۇقتا زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئازراق ياغلاپ، قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ. ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15- 20 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى، تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق، يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە قاراپ بىكىتىلىدۇ.

 تىنغان زۇۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باش بارماق بىلەن تۆشۈك ئېچىپ، خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ، ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملۇقىدەك بولغاندا، ئۇزۇنلۇقىنى 25 سانتىمېتىر قىلىپ، ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغا ئېلىپ ئالتە- يەتتە دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

 ئەسكەرتىش: ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئىلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا، بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ، چوكىنى تارتىۋالىمىز. ساڭزا سەل سارغايغاندا ئالساق بولىدۇ، پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر- بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك. ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ساڭزا چېچەكلىمەي قالىدۇ، يۇقىرى بولۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام، تېشى كۆيۈك چىقىدۇ (ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر- ئىككى قۇيماق سېلىپ كۆرۈش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا، قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ).

 ئالاھىدىلىكى: شەكلى كۆركەم، چۈرۈك ھەم مەززىلىك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆبرەك ھېيت- بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ. رەڭگى سېرىق، تەملىك، چۈرۈك، ھېيتلىق داستىخىنىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى.

 تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125