يېمەك-ئىچمەك تەرتىپلىك بولماسلىق، پاكىز بولماسلىق، زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش، زىيادە ئاچچىق، مايلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈشتەك ناچار ئادەتلەر ئاسانلا ئاشقازان كېسىلىنى، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان راك كېسەللىكى بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020- يىلىلا جۇڭگودا يېڭىدىن 480 مىڭ ئادەمگە ئاشقازان راكى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ئاشقازىنىڭىز بىئارام بولسا، ھەرگىز «چىداپ تۇرساملا ياخشى بولۇپ قالىدۇ» دېمەڭ، بۇ ئاشقازان ئاسراش قوللانمىسىنى ساقلىۋېلىڭ!