باس ئىسكىرىپكىدا ئورۇندالغان مۇزىكا: ئاناجان
00:00:05 2022-05-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

ئانام بولغان بولسا دەپ، تۇرۇپ قالىمەن گاھىدا.

مېنىڭمۇ ئانام بار ئىدى، مەن ئانا بولماستا.

ياشلىقىنى، مېھىر- مۇھەببىتىنى، ئەڭ گۈزەل خۇلۇقلارنى پەرزەنتلىرىگە ئاتا قىلغان ئانام...

مىننەتسىز ئەجىر قىلىشنى مىراس سۈپىتىدە ماڭا قالدۇرۇپ، مېنىڭمۇ ئۇلۇغ ئانىلار قاتارىدا بولۇشۇمغا ئۈنسىز ئەجىر كۆرسىتىپتىكەن.

پۈتۈن ئالەمنىڭ مۇھەببىتىدىن، ئانامنىڭ مېھرى سىڭگەن ئاي توقىچىنى ئەزىز بىلدىم.

 ئانا!

بۈگۈن سىزنى ئەسلىدىم...

 ئانىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز كۈيلەنگەن شۇنداق بىر ناخشىلار باركى، ئېيتساق- ئېيتساق ھارمايدىغان، يەنە شۇنداق بىر مۇزىكىلار باركى، قۇلاق ئاڭلىسا، يۈرەك قات- قېتىدىن مۇڭغا چۆكىدىغان...

 بۈگۈن (5- ئاينىڭ 8- كۈنى − 5- ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبىسى) ئانىلار بايرىمى. ئانىلارغا بولغان ئېھتىرامىمىز سۈپىتىدە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك مۇزىكانتى پەرىدە ئىسكەندەر باس ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇندىغان «ئاناجان» ناملىق مۇزىكا، شۇنداقلا مۇزىكىغا يانداشتۇرۇلغان شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى پاتىمە ھوشۇرنىڭ دېكلاماتسىيەسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125