خۇرۇچلىرى: قوناق يارمىسىدىن 500 گىرام، لوق گۆشتىن 100 گىرام ، شوخلا، چامغۇر، ياڭيۇدىن بىر تالدىن، سەۋزىدىن ئىككى تال، پىيازدىن بىر باش، پالەكتىن ئۈچ تۈپ، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: گۆش بىلەن باشقا خۇرۇچلارنى ئۇششاق توغراپ، قازانغا سېلىپ قاينىتىپ، كۆپۈكىنى پاكىز ئېلىۋېتىپ، خۇرۇچلار پىشاي دېگەندە، سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ تەييارلانغان قوناق يارمىسىنى سېلىپ قاينىتىپ، يارما پىشقاندا تۇز- تەمىنى تەڭشەپ، نېپىز توغرالغان شوخلا، ئۇششاق توغرالغان پالەكنى سېلىپ، بىر قاينىتىپ قاچىلارغا ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)