مونەك ئېشى ئېتىش ئۇسۇلى
18:31:04 2022-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى:  قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، ئاق ئۇندىن 100گىرام، لوق گۆشتىن 200گىرام، پىيازدىن يېرىم باش، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇ، تۇرۇپتىن يېرىم باشتىن؛ قىزىل لازا، شوخلا، ئاقمۇچ، ۋېيجىڭ، تۇز، پالەكلەردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى:1. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ بىر قاچىغا سېلىپ، تۇز، ئاقمۇچ، ۋېيجىڭ سېلىپ، ئازراق سوغۇق سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ چىلاپ قويىمىز. 2.ئىككى خىل ئۇننى بىرىكتۈرۈپ، تۇز سېلىپ، قىزىق سۇ بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 3.كۆكتاتلارنى ئېھتىياجغا قاراپ توغراپ، چامغۇر، ياڭيۇ، تۇرۇپ، سەۋزە توغرالمىلىرىنى قازانغا سېلىپ قاينىتىپ قويىمىز. 4. خېمىر تەييار بولغاندا ياغلاپ ياكى قۇرۇق ئۇن سېپىپ، خېمىرنى ئىككى مىللىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىپ، ئاندىن ئۇنى يەنە ئىككى مىللىمېتىر كەڭلىكتە توغرىۋېلىپ، ئەمبەلنى قازان ئاغزىغا توغرىلاپ، پىچاق بىلەن خېمىرنى ئىككى مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، ئۇتتۇرلۇق قازانغا تاشلايمىز، ھەممىسىنى كېسىپ قازانغا سېلىپ، قايناپ پىشقاندىن كېيىن قاچىدىكى خام قىيما بىلەن شوخلا، پالەكلەرنى سېلىپ، تۇز- تەمىنى قايتا تەڭشەپ،  قاچىلارغا ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125