قوناق ئۇنى ئۈگرىسى ئېتىش ئۇسۇلى
18:52:08 2022-05-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500گىرام، ئاق ئۇندىن 100 گىرام، لوق گۆشتىن 100 گىرام، پالەكتىن ئىككى تۈپ، شوخلىدىن يېرىم تال؛ پىياز، سامساق، تۇز، ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا. 

 ئېتىش ئۇسۇلى:1. قازاغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز سېلىپ، ئىككى خىل ئۇننى تۆكۈپ قايناتقاچ نوغۇچ بىلەن قوچۇپ تۇرىمىز.خېمىر پىشىپ قولغا چاپلاشمىغۇدەك بولغاندا ئەمبەلگە ئېلىپ نوغۇچ بىلەن يېيىپ نېپىزلىتىمىز. 2. خېمىر سەل سوۋۇغاندا ئازراق سوغۇق سۇ سېپىپ يۇمشىتىپ، ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلەيمىز. ئاندىن ئەمبەلنى ياغلاپ، خېمىرنى قويۇپ ئىككى مىللىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىپ، ئۈچ- تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئىككى مىللىمېتىر كەڭلىكتە ئۈگرە كېسىپ، قايناۋاتقان قازانغا سالىمىز. 3. ئۈگرە پىشقاندا ئۈستىگە گۆش، شوخلا، پىياز، سامساق، پالەكلەرنى سېلىپ قاينىتىپ، ئاخىرىدا تۇز، ئاقمۇچ سېلىپ تۇز- تەمىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125