مۇتەللىپ ئىشلىگەن بۇ تەجرىبىنى كۆرگەندىن كېيىن ھېس قىلالايمىزكى، بىر قىسىم ئىچىملىكلەرنىڭ رەڭلىك بولۇشى ھەرگىزمۇ بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ شۇنداق رەڭدىكى مېۋىنىڭ شەربىتىدىن ياسالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇنداق بىر قىسىم ئىچىملىكلەر رەڭ تەڭشىگۈچى، تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارنى سۇغا قوشۇپلا تەڭشەپ ياسالغان بولۇشى مۇمكىن.
مۇتەللىپ بۇ تەجرىبىدە ئىشلەتكەن رەڭ پىليونكىسى(خەنزۇچە «色母片» دېيىلىدۇ) ئادەتتە رەڭلىك كىيىملەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغاندا، كىيىملەرنىڭ بويىقى بىر- بىرىگە ئۆتۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال. ئۇ نانومېتىر دەرىجىسىدىكى تالالاردىن توقۇلىدۇ، ھەر كۆنىكىسىمان تور شەكلىدە بولىدۇ، رەڭ ئىيونلىرىنى سۈمۈرۈش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك.