يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قالماي دېسىڭىز...
17:52:36 2022-05-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەسلىي ماۋزۇسى: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتمىسى: يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن يىراق تۇراي دېسىڭىز، مۇنداق قىلىڭ

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ) 5- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق توغرىسىدا كۆرسەتمە چىقىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ سەككىز نۇقتىنى قىلالىسا، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن يىراق تۇرالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى مىكرو ئورگانىزم تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گولى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن قاتتىق قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش بار، ھەمدە بۇنىڭغا ئوتتۇرا، يۇقىرى قورساق ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ، دائىم قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش سەۋەبىدىن سۇسىزلىنىدىغان، مەسىلەن، ئېغىز قۇرۇيدىغان، كۆز ئولتۇرۇشۇپ كېتىدىغان، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى يوقىلىدىغان، پۇت- قول مۇزلايدىغان، تومۇر سوقۇشى ئاجىزلايدىغان، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدىغان، ھەتتا شوك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 چېن گولى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكى يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا، تۇيۇقسىز، يىغىپلا پارتلايدۇ، كۆپىنچە ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ھەم مەلۇم خىل يېمەكلىكنى يېيىش بىلەن روشەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن ئاغرىقنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.

 نۆۋەتتە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا، چېن گولى تۆۋەندىكى سەككىز نۇقتىنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بەردى:

 1. تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئىلگىرى سوپۇن سۈيى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن قولنى ئەستايىدىل يۇيۇش كېرەك.

 2. قايناقسۇ ئىچىش، قاينىتىلمىغان سۇ ئىچمەسلىك، پاكىز بولمىغان سۇدا ئېغىز چايقىماسلىق، چىش چوتكىلىماسلىق، قاچا- قۇچا، مېۋە- چېۋە، كۆكتات ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى يۇيۇش كېرەك.

 3. ئېشىپ قالغان تاماقلارنى توڭلاتقۇدا ساقلاش، يېيىشتىن بۇرۇن قاسقاندا ئىسسىتىش؛ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېتەرلىك پىشۇرۇش، خام يېمەسلىك.

 4. ئىمكانقەدەر يول بويىدىكى يايمىلاردا ياكى تازىلىق شارائىتى ناچار ئاشخانىلاردا غىزالانماسلىق، سىرتتا ئىمكانقەدەر سوغۇق سەي ۋە گۆش تۈرىدىكى كاۋاپلارنى ئاز يېيىش كېرەك.

 5. سوغۇق سەي تەييارلىغاندا خام بىلەن پىشقىنىنى ئايرىۋېتىش، مەخسۇس پىششىق يېمەكلىك تاختىسى، پىچاق ۋە مەخسۇس قاچىلارنى ئىشلىتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 6. مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلارنى خام يېگەندە پاكىز يۇيۇش كېرەك، ئالدى بىلەن پاكىز سۇغا چىلاپ، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن كۆپ قېتىم يۇيۇش، يوپۇرمىقى، يىلتىزى بار كۆكتاتلارنىڭ يىلتىزىنى يۇيۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

 7. «ئاممىۋى قوشۇق، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش»، «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى»نى تەشەببۇس قىلىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. 

 8. ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا، توغرا داۋالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، بالدۇرراق مۇنتىزم دوختۇرخانىنىڭ ئۈچەي يولى ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125