5-ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىدا دېھقان قارا مور ئۈزمەكتە. يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، 2019- يىلى 5- ئايدا، «كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، زور كۈچ بىلەن قارا مور تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. 2022- يىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى 328 پارنىكتا 640 مىڭدىن ئارتۇق قارا مور تېرىدى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 35 توننىغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىنىڭ كىرىمى 8000 يۈەن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
5-ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىدا دېھقانلار قارا مور ئۈزمەكتە، يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
5-ئاينىڭ 27- كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ بازىرى تۆۋەنكى ئېرىق كەنتى توخۇ بېقىش بازىسىدا تۇخۇم يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ بازىرى «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئاممىنى باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش يولىغا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
5-ئاينىڭ 27- كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ بازىرى تۆۋەنكى ئېرىق كەنتى توخۇ بېقىش بازىسىدا تۇخۇملارنى جىڭلىماقتا. باۋ لىياڭتىڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)