مەمەتجان مەتقاسىم بىلەن ئورچىلوڭ ئورۇندىغان ناخشا «شىنجاڭ ياخشى»
17:26:54 2022-06-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لالە خېلىل) 

 6- ئاينىڭ 3- كۈنى مەمەتجان مەتقاسىم 11- سان «باھاردا گۈللەر ئېچىلۇر» پىروگراممىسىدا ئىچكى موڭغۇللۇق ناخشىچى ئورچىلوڭ بىللە «شىنجاڭ ياخشى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ يەنە بىر قېتىم ئالقىشلاندى.  

 «باھاردا گۈللەر ئېچىلۇر» − خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى بۇ يىل يېڭى ئىشلىگەن خەلق ناخشىسى ئېيتىشىش پىروگراممىسى. پىروگرامما جۇڭگوچە خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ياشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل جۇڭگونى مەدھىيەلەشكە دەۋەت قىلىدۇ.

 مەمەتجان مەتقاسىم تۇنجى سان «باھاردا گۈللەر ئېچىلۇر» پىروگراممىسىدا ئىچكى موڭغۇللۇق ناخشىچى ئورچىلوڭ بىللە «زەيتۇن دەرىخى» دېگەن ناخشىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار مەكىت ناھىيەلىك دولان مۇقامى سەنئەت ئۆمىكىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە سەھنىدە ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. سەنئەت ئۆمىكى يەتتە سەنئەتكاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە تولغان ئورۇنداش ماھارىتى ۋە قالۇن، راۋاپ، دولان غېجىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىش ئارقىلىق، كىلاسسىك خەلق ناخشىسى − «شىنجاڭ ياخشى»نىڭ ئاھاڭىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

 مەمەتجان مەتقاسىم بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى» دېگەن ناخشىنى ئورۇندىغان ناخشىچى ئورچىلوڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانخات شەھىرى بالىن سول خوشۇنىدىن. 2016- يىلى ئەنخۇي سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «جۇڭگو دېھقانلار ناخشا كېچىلىكى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2- لىككە ئېرىشكەن ۋە «شىمالدىكى ناخشا شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، سەنئەت ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125