خۇرۇچلىرى: خاڭگادىن ئىككى دانە، سامساقتىن ئىككى باش،سۇڭپىياز، تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈت يېغى، يېڭى شورپا قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:1. خاڭگانى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئاقلىۋېتىپ، يوغانراق قەلەمچە قىلىپ توغراپ، تەخسىگە رەتلىك تىزىمىز. 2. سامساقنى ئۇششاق چاناپ چىنىگە ئېلىپ، قىزىغان ياغنى ئۈستىگە قۇيىمىز. سۇڭپىياز، تۇز، ۋېيجىڭ، كۈنجۈت يېغى، يېڭى شورپا قاتارلىقلاردىن شىرنە تەييارلاپ قۇيۇپ، بۇلارنى تەييارلانغان خاڭگانىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: بۇ خىل خاڭگا يېيىشلىك، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قان بېسىمى يۇقىرى، قاندىكى ماي يۇقىرى، سېمىز ئادەملەرنىڭ ياخشى يېمەكلىكى.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)