خۇرۇچلىرى: نان جىگدىدىن 50 گىرام، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 150 مىللىلىتىر، شېكەردىن 10 گىرام، ھەسەلدىن بىر قوشۇق، لىمون سۈيىدىن 10 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: جىگدىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئېتىنى پىچاق بىلەن قىرىپ چىقىرىپ سىرلىق قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ، ئۈچ- تۆت سائەت دۈملەپ، ئاندىن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچتەك قىلىپ، ئۈستىگە شېكەر، ھەسەل، لىمون سۈيىنى قوشۇپ، تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، قان تومۇرلارنى ئېچىپ، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، مەنىينى تىزگىنلەپ، جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
ئەسكەرتىش: ھەسەل قوشۇلسا ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ، ھەسەل قوشقاندا بىر- ئىككى مىنۇت قاينىتىمىز، قەۋزىيەت كېسىلى بارلار ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)