خۇرۇچلىرى: تۇخۇم ئۈچ دانە، مېۋە مۇرابباسى 50 گىرام، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال 10 گىرام، سۇ يېغى 70 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ كىراخمال، تۇز سېلىپ، بىر مىنۇت قوچۇپ تۇخۇم شىرنىسى تەييارلايمىز. ساپلىقنى ياغلاپ قىزىتىپ، تۇخۇم شىرنىسىنىڭ يېرىمىنى تۆكۈپ ساپلىقنى چۆرگۈلىتىپ، نېپىز تەكشى چەلپەك چىقىرىمىز. قالغان تۇخۇم شىرنىسىنىمۇ شۇ ئۇسۇلدا يەنە بىر چەلپەك چىقىرىمىز. مۇراببانى چەلپەكنىڭ يۈزىگە تەكشى مىلەپ، ئىچىگە قارىتىپ يۆگەپ، ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ، تۆت بۆلەككە بۆلۈپ تەخسىگە تىزساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)