چامغۇر مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى
18:35:43 2022-06-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: چامغۇر بىر كىلوگىرام، شېكەر 800 گىرام، لىمون ئىككى دانە ياكى لىمون جەۋھىرى ئۈچ گىرام، سۇ 1.2 كىلوگىرام .

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. چامغۇرنى ئاقلاپ، يۇيۇپ، كىچىك چاقماق قەنتتەك توغرايمىز، سۇغا چىلاپ 10 مىنۇتتىن كېيىن سۈزۈپ، سىرلىق كورىغا سېلىپ، سۇ قۇيۇپ دەسلەپتە ئوتتۇرا ھال ئوتتا، كېيىن بوش ئوتتا 15 مىنۇتچە قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 200 گىرام شېكەر سېلىپ، ئېرىتىپ 15 مىنۇتچە قاينىتىپ، چامغۇرنى يەنە سېلىپ بوش ئوتتا تۆت- بەش مىنۇت قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ قويۇپ قويىمىز. 2. 14 سائەتتىن كېيىن ئۇنى يەنە بوش ئوتتا بەش مىنۇتچە قاينىتىپ، چامغۇرنى سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 250 گىرام شېكەر سېلىپ ئېرىتىپ، 20 مىنۇت قاينىتىمىز، چامغۇرنى سېلىپ بوش ئوتتا يەنە بەش مىنۇت قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ قويۇپ قويىمىز. 3. 24 سائەتتىن كېيىن ئۇنى يەنە ئوتتا قويۇپ بوش ئوتتا بەش مىنۇتچە قاينىتىپ چامغۇرنى سۈزۈۋالىمىز، سۈيىگە قالغان شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ، ئۈستىگە لىمون شىرنىسى ياكى لىمون جەۋھىرى ئېرىتمىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز، ئاخىرىدا چامغۇرنى سېلىپ بوش ئوتتا ئىككى- ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ ئوتتىن ئالىمىز، كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن قۇرۇق قاچىغا ئېلىپ سالقىن، قۇرغاق جايدا  ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئۆپكىگە پايدا قىلىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125