خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، كاۋىدىن 300 گىرام؛ تۇز، خېمىر تۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: كاۋىنى ئاقلاپ، يۇيۇپ، توغراپ، قاسقانغا سېلىپ يۇمشاق پىشۇرىمىز، ئاندىن ئەمبەلگە قويۇپ سەل سوۋۇغاندا ئالىقان بىلەن ئېزىپ بوتقا ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قوناق ئۇنى بىلەن خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 15 مىنۇت تىندۇرىمىز، خېمىر تىنغاندىن كېيىن پىلتا قىلىپ پىچاق بىلەن كېسىپ ياكى يۇمىلاقلاپ قاسقانغا سېلىپ، 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز، پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە تىزىپ ئايرىم قورۇما ياكى سوغۇق سەيلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)