خۇرۇچلىرى: سەۋزىدىن 60 گىرام، ئالمىدىن 260 گىرام، ئالما شىرنىسىدىن 100 مىللىلىتىر، لىمون شىرنىسىدىن 20 مىللىلىتىر، ھەسەلدىن بىر قوشۇق، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىىن 50 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالمىنى يۇيۇپ ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يېرىمىنى قىيما قىلىپ، پاكىز داكىدا سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىمىز. يېرىمىنى ئۇششاق توغرايمىز. سەۋزە پوستىنى قىرىۋېتىپ يۇيۇپ توغرايمىز. لىموننى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى تېشىپ، ئىككى قوشۇقچە شىرنىسىنى سىقىپ چىقىرىۋېلىپ (قالغىنىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ، كېيىنكى قېتىمدا ئىشلەتسەك بولىدۇ)، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ، شىرنىلەرنى قوشۇپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن ئىستاكانغا قۇيۇپ، بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ئورگانىزمنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تېرە توقۇلمىلىرىنى ئاسرايدۇ، نەپەس يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان تومۇرلار قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: سەۋزىنى ھاراق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى، كاروتىن بىلەن ئىسپىرت جىگەردە توكسىن ھاسىل قىلىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)