خۇرۇچلىرى: يېڭى قوي يېغى بىر پىيالە، قايماق چوڭ بىر قوش شېكەر بىر پىيالە، سۈزمە تولۇق بىر پىيالە، تۇخۇم ئىككى دانە، ئۇن ئىككى پىيالە.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى:1. ئايرىم قاچىدا تۇخۇم بىلەن شېكەرنى قوشۇپ، ئاقىرىپ قويۇقلاشقۇچە كۆپتۈرىمىز. 2. پاكىز جاۋۇرغا ياغنى سېلىپ، تولۈق ئاقىرىپ قويۇقلاشقۇچە كۆپتۈرىمىز، ئاندىن بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يەنە كۆپتۈرىمىز. 3. قايماق (يېڭى خام قايماق) سۈزمە، سودا، ئۇنلارنى سېلىپ، ئوتتۇرا ھال خېمىر تەييارلاپ تىندۇرىمىز. 4. پاكىز ئەمبەلگە ئۇن سېپىپ، خېمىرنى ئۈچ سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يېىيىپ، قېلىپتا كېسىۋېلىپ، ئۈستىگە شېكەر بېسىپ لېسقا تىزىپ، ئالدىن قىزىتىلغان دۇخوپكىغا سېلىپ ئاقراق پىشۇرساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)