چامغۇر مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى (2)
18:30:42 2022-06-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قادىقى، يىپ تالالىرى يوق چامغۇردىن 600 گىرام، شېكەردىن 160 گىرام، ئارپا شېكىرىدىن 180 گىرام، لىموندىن بىر دانە ياكى لىمون جەۋھىرى ئىككى گىرام.

 ئېتىش ئۇسۇلى:1. چامغۇرنى ئاقلاپ، يۇيۇپ، نېپىز توغرايمىز. 2. توغرالغان چامغۇرنى سىرلىق كورىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئازراق سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا چامغۇر يۇمشىغىچە قاينىتىمىز. 3.لىموننى پاكىز يۈيۈپ سۈرتۈپ ئىككى پارچە قىلىپ، سىقىپ شىرنىسىنى تولۇق چىقىرىپ تەييارلايمىز. 4.يۇمشىغان چامغۇر ئېتىنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، ئۈستىگە سۈيىنى قۇيۇپ ئۇماچتەك قىلىمىز. 5. ئۇماچتەك قىلىنغان چامغۇرنى يەنە سىرلىق كورىغا تولۇق تۆكىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئارپا شېكىرى ۋە شېكەرنى سېلىپ تولۇق ئارىلاشتۇرىمىز، ئارقىسىدىن يەنە لىمون شىرنىسىنى ياكى لىمون جەۋھىرىنى قوشۇپ تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، بوش ئوتتا ھالۋىدەك قويۇلغىچە توختىماي قوچۇپ قاينىتىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن سوۋۇتۇپ، سالقىن يەردە ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: ئوزۇق بولۇش، بەلغەم بوشىتىش، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مەنىينى كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ھەم ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارغا نىسبەتەن ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدۇ.

 

 تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125