خەندىلەك ئېشى تەييارلاش ئۇسۇلى
18:50:26 2022-06-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500گىرام، چامغۇردىن بىر باش، پىيازدىن يېرىم باش، شوخلىدىن بىر تال، بەسەيدىن ئۈچ يوپۇرماق، گۆشتىن 200 گىرام، تۇز، پالەك، ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا

 ئېتىش ئۇسۇلى:1. چامغۇرنى نېپىز توغراپ قازاغا سېلىپ قاينىتىپ قويىمىز. 2. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق چاناپ، تۇز، ئاقمۇچ سېلىپ قىيما تەييارلايمىز. 3. ئۇنغا قايناق سۇ، تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئەمبەلگە قويۇپ، تەييارلانغان قىيمىنى خېمىرغا تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. 4. تەييارلانغان قىيمىلىق خېمىرنى بارماق توملۇقىدا پىلتا قىلىپ، چىلاندەك زۇۋۇلا ئۈزۈپ، ئۇنى ئالىقانغا ئېلىپ  يۇمىلاقلاپ، قايتا بېسىپ ياپىلاقلاپ،  قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ، تۇز- تەمىنى تەڭشەپ  ئۈستىگە پالەك، شوخلا سېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125