زەنجىۋىل مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى
19:09:41 2022-06-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: ھۆل زەنجىۋىل 250 گىرام، ھەسەل 200 گىرام، شېكەر 200 گىرام، لىمون بىر دانە، سۇ 300 گىرام.

 ئېتىش ئۇسۇلى:1. لىموننى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز. 2. زەنجىۋىلنىڭ پوستىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىپ، يۇيۇپ، نېپىز ياپىلاقلاپ، سىرلىق كورىغا سالىمىز، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا 30 مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 200 گىرام شېكەرنى سېلىپ 20 مىنۇت قاينىتىمىز. 3. سۈزۈۋالغان زەنجىۋىلنى ئۇششاق قىيما قىلىپ ياكى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ ئۈستىگە ئازراق سۇ قۇيۇپ ئېزىپ، قايناۋاتقان قىيامغا سېلىپ بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز، ئۈستىگە لىمون شىرنىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە 15 مىنۇتچە قاينىتىپ ئوتتىن ئېلىپ قويۇپ قويىمىز. 4. 24 سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەسەلنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تولۇق ئارىلىشىپ بولغاندا ئوتتا قويۇپ، بوش ئوتتا توختىماستىن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلغىچە قاينىتىمىز. ئاندىن كېيىن ئوتتىن ئالىمىز، كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ، سوۋۇغاندا قۇرۇق، پاكىز قاچىغا ئېلىپ، سالقىن يەردە ساقلاپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. ئومۇمەن سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان، بۆرەك، دوۋسۇن ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125