ئاتىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن |داداڭغا دەپ قويىمەن
08:22:56 2022-06-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لالە خېلىل 

 ھېلىمۇ يادىمدا، كىچىكىمدە باشقىلار مەندىن «ئەڭ چوقۇنىدىغان ئادىمىڭىز كىم؟» دەم سورىسا، ھەر ۋاقىت «دادام!» دەپ جاۋاب بېرەتتىم. شۇنداق، دادام نەزەرىمدىكى ئەڭ كېلىشكەن، ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان، ئەڭ ئاقكۆڭۈل ئادەم ئىدى. ھېچقانداق كېلىشكەن چولپاننى دادامغا تەڭ قىلمايتتىم. كىچىكىمدىن مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسام، كىمدىن ئازار يېسەم، دادام چوقۇم يېنىمدا پەيدا بولاتتى. يانچۇقۇمغا «ئوغرىلىقچە» پۇللارنى سېلىپ قوياتتى، «مەن بار، بالام» دەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، كۆڭلۈم ھەر ۋاقىت توق تۇراتتى. تاكى ھازىرغا قەدەر ھېچنېمىدىن زىيادە ئەنسىرەپ كەتمەيمەن ھەم بىر ئىشقا يولۇقسام ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويمايمەن. چۈنكى تاغدەك دادام بار ئەمەسمۇ؟

 شۇنداق، دادا مۇشۇنداق ئاددىي- ساددا، سۆز- ھەرىكىتى گاھىدا قوپال بولسىمۇ، بىزنى شەكسىز ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئادەم. ئۇ ھاياتلىق يولىمىزنى يورۇتقۇچى مەشئەل. دادىنىڭ مېھرى- مۇھەببىتى بولىدىكەن، بىز يولدىن ئازمايمىز، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەيمىز. 

 دادىلار قەيسەر، مۇستەھكەم. بىز كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئانچە بىۋاسىتە ئىپادىلەپ كەتمەيمىز. ئەمما ئىشىنىمەنكى، دادىلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئەزەلدىن ئانىلارنىڭكىدىن كەم بولغان ئەمەس.

  بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئۈچىنچى يەكشەنبىسى (6- ئاينىڭ 19- كۈنى) ئاتىلار بايرىمى، لىمون خور ئۆمىكىدىكى بالىلارنىڭ «داداڭغا دەپ قويىمەن» دېگەن بۇ ناخشىسى ئارقىلىق بارلىق بالىلار قەلبىدىكى قالتىس دادىلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن.




(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125