ياز كۈنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە پۇت-قول مۇزلاپ كېتىدۇ، بۇنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟
18:24:28 2022-06-15 تىيانشان تورى

تومۇز ياز كۈنلىرى

نۇرغۇن كىشى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ

لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇت-قولى ئاسانلا مۇزلاپ كېتىدۇ

بۇ بەلكىم مۇزەككەر ئاجىزلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەسلىھەتى

↓↓↓

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە

پۇت-قول مۇزلاشنى پەسەيتكىلى بولامدۇ

توردا نۇرغۇن كىشى

ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە پۇت-قول مۇزلاش ئەھۋالى كۆرۈلسە

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە پۇت-قول مۇزلاشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، دەيدۇ

بۇ راستمۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە

ئەگەر قىش پەسلىدە سوغۇق ئۆتۈپ پۇت-قول مۇزلىسا

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە پۇت-قول مۇزلاشنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدۇ

ئەمما ياز پەسلىدە مۇزەككەر ئاجىزلىشىشتىن پۇت-قول مۇزلىغاندا

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە

ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ

چىلان، ئالقات، گۇييۈەن ئىچىملىكى

چىلان، ئالقات، گۇييۈەن

دورىلىق يېمەكلىك بىلەن ئوخشاش مەنبەلىك كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ

چىلاننىڭ بەلگىلىك قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلاش رولى بار

قان يېتىشمەسلىكنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

ئالقاتنىڭ مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار

گۇييۈەن تال ۋە بۆرەكتىكى مۇزەككەر ئاجىزلىقنى ياخشىلايدۇ

پۇت-قول مۇزلاش، قان يېتىشمەسلىكنىڭ

تۆمۈر كەملىك بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار

بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ تەركىبىدە مول تۆمۈر ئېلېمېنتى بار

چىلان، گۇييۈەن، ئالقاتتىن ياسالغان چاي ئىچىملىكى

چىلاندىن 4 ~ 3 تال، جەمئىي ئون گىرام

ئالقات 15 گىرام، گۇييۈەن ئېتى 15 گىرام

سۇ قاينىغاندىن كېيىن بۇلارنى سېلىپ، سۇس ئوتتا ئون مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز

قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىلمان قىلىپ ئىچىمىز

بەك سوۋۇتۇپ ئىچىشكە بولمايدۇ

ئىچىپ بولغاندىن كېيىن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يەۋەتسەك

ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

ياڭشى پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش

چاي ئىچىپ بەرگەندىن باشقا

ياڭشى پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسىمۇ تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ

باش بارماقنى چىقىرىپ

باش بارماقنى تۈزلىگۈچى ئۇزۇن مۇسكۇل پېيى ۋە باش بارماقنى تۈزلىگۈچى قىسقا مۇسكۇل پېيى

ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشقان جاي − ياڭشى پەللىسىنى

يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلايمىز

ھەر قېتىمدا ئالتە قېتىم، ھەر كۈنى ئالتە قېتىم

ۋىدىئوغا قاراپ بىللە ئۆگىنەيلى

↓↓↓

ياز كۈنلىرى بەلغەم يېپىشقاق، بەلغەم ئېغىر بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

ئېرچېن شورپىسى ئىچىپ سىناپ باقسا بولىدۇ

ياز كۈنلىرى شامالداپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ياكى يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن

ئاسانلا بەلغەم يېپىشقاق، بەلغەم ئېغىر بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

ئېرچېن شورپىسى بۇ ئەھۋالنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ

ئالتە گىرام ئاپېلسىن پوستى، ئالتە گىرام تىزغا 

ئون گىرام پالما مەرىزى، ئالتە گىرام چۈچۈكبۇيا 

بەش گىرام زەنجىۋىل ۋە بىر تال قارا ئۆرۈكنى

سۇدا 20 مىنۇت قاينىتىمىز

 تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىستېمال قىلىمىز

ھەر كۈنى 2 ~ 3 قېتىم

ئۇدا ئۈچ كۈن ئىستېمال قىلساق

ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ

ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزغا يوللاپ بېرىڭ

يازنى بىرلىكتە ساغلام، راھەت ئۆتكۈزەيلى

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125