خۇرۇچلىرى: قوي يېغى بىر پىيالە، تۇخۇم ئۈچ دانە، ھەسەل بىر پىيالە، ئاق شېكەر بىر پىيالە، ئۇن ئۈچ پىيالىدىن ئارتۇقراق، يانجىلغان ياڭاق مېغىزى بىر پىيالە، توغرالغان قۇرۇق ئۈزۈم يېرىم پىيالە، مېۋە سۈيى يېرىم پىيالە، سودا بىر كىچىك قوشۇق.
پىشۈرۇش ئۇسۈلى:1. قوي يېغىنى جاۋۇردا كۆپتۈرىمىز. تۇخۇمنى شېكەر بىلەن چېلىپ كۆپتۈرۈپ، ھەسەل قۇيۇپ يەنە كۆپتۈرۈپ، جاۋۇردىكى ياغقا قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز. بۇنىڭغا سودا، ياڭاق مېغىزى، ئۈزۈم، مېۋە سۈيى قۇيۇپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇن سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، ئون مىنۇتتەك تىندۇرىمىز. 2. ئەمبەلگە ئۇن سېپىپ، خېمىرنى نوغۇچ بىلەن يېيىپ، پىچاق بىلەن رومبا شەكلىدە كېسىپ، ئۈستىگە تۈخۇمنىڭ سېرىقىنى سۈركەيمىز. ئاندىن ياغلاپ تەييارلانغان لېسقا ئارىلىق قويۇپ تىزىپ، قىزىتىلغان دۇخوپكىغا سېلىپ قىزارتىپ پىشۇرساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)