خۇرۇچلىرى: تۇخۇم تۆت دانە، پىششىق گۆش 100 گىرام، تۇز، ئاقمۇچ، ئۇۋاق قىزىلمۇچ، سۇيېغى 100 گىرام، پىياز مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: پىششىق گۆشنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا نېپىز توغرايمىز. پىيازنى بۇغدايدەك ئۇششاق توغرايمىز. تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ ئازراق تۈز سېلىپ قوچۇپ، توغرالغان گۆش بىلەن پىيازنى سېلىپ، قايتا بىر قېتىم قوچۇپ شىرنە تەييارلايمىز. ساپلىققا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، قاچىدىكى شىرنىنى قۇيۇپ، تېگى سەل سارغايغاندا ئۆرۈپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىۋېلىپ، ئىككى- ئۈچ سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغراپ، تەخسىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئاقمۇچ، ئۇۋاق قىزىلمۇچ سېپىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)