خۇرۇچلىرى: كۆك لازا 10 دانە، غولپىياز، تۇز، كۈنجۈت بوتقىسى، جياڭيۇ، سۇيېغى قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:1. بىر خىل چوڭلۇقتىكى كۆك لازىلارنىڭ ساپىقىنى ئېلىۋېتىپ، غولپىيازنى چوڭ- چوڭ يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، تۆت دەرىجە قىزىغاندا، كۆك لازىنى سېلىپ، قورۇپ، كۆك لازىنىڭ پوستى قاپىرىپ چىققاندا سۈزۈۋالىمىز ۋە قازاندا ئازراق ياغ قالدۇرۇپ، غولپىيازنى سېلىپ قورۇپ، خۇش پۇراق چىققاندا، كۈنجۈت بوتقىسىدىن ئازراق سېلىپ قورۇيمىز، ئاندىن كۆك لازىنى سېلىپ، تۇز، جياڭيۇ قۇيۇپ، بىرنەچچە قېتىم ئۆرۈپ، سۈيى قاچقاندا تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)