چۈچۈمەل كۆك چامغۇر سېيى تەييارلاش ئۇسۇلى
17:41:50 2022-06-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: كۆك چامغۇر 30 گىرام، قىزىل لازا ئالتە تال، سامساق، شېكەر، جياڭيۇ، ئاقمۇچ، ئاچچىقسۇ، قۇرۇق قىزىل لازا، زەنجىۋىل، شوخلا قىيامى، غولپىياز، ياغ، تۇز، تېتىتقۇ، كۈنجۈت يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. كۆك چامغۇرنى ياخشى ئادالاپ، پاكىز يۇيۇپ، كۆكىدىن ئايرىماي تۆت پارچە قىلىمىز، قۇرۇق قىزىل لازىنى قايناق سۇغا چىلايمىز، غولپىياز، سامساقلارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز. 2. چامغۇرنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ، پىشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز. 3. قازاننىڭ سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، ياغ قۇيۇپ، چۈچۈگەندە غولپىياز، قىزىل لازا، زەنجىۋىل، سامساق، شوخلا قىيامى سېلىپ، ئازراق قورۇپ، ئۈستىگە پىشۇرۇلغان چامغۇرنى سېلىپ، ئاندىن شورپا قۇيۇپ، ئازراق قاينىتىمىز. ئاخىرىدا تۇز، تېتىتقۇ، شېكەر، جياڭيۇ، ئاقمۇچ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، تەمىنى تەڭشەپ، كۈنجۈت يېغىدىن ئۈستىگە قۇيۇپ، قاچىغا ئېلىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىىتى: ھۆل ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125