رەڭلىك تۇخۇم تۈرمىلى تەييارلاش ئۇسۇلى
18:00:05 2022-06-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: تۇخۇم تۆت دانە، سېرىق- قىزىل سەۋزە، چىلانغان قارا مور، ئوسۇڭ، ئاق تۈرۈپ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا، سۇيىغى 50 گىرام، كىراخمال 10 گېرام، تۇز، ئاقمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن بىر قوشۇق، قىزىل لازا 20 گىرام.

 ئېتىش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ تۇز، كىراخمال سېلىپ قوچۇيمىز، ئاندىن ئازراق سۇ بىلەن ئۇننى قوشۇپ يەنە بىر مىنۇت قوچۇپ، ئىككى- ئۈچ پارچە ئوخشاش چوڭلۇقتا،  نېپىز چەلپەك تەييارلايمىز. قوشۇمچە ماتېرىياللارنى سەرەڭگە تېلىدەك ئىنچىكە توغراپ، قايناق سۇغا بېسىۋېلىپ سوۋۇتۇپ، تۇز، ئاقمۇچ، پىششىق ياغ بىلەن قىيما تەييارلايمىز. چەلپەكنىڭ تۆت چېتىنى كېسىپ، ئىنچىكە توغراپ قىيمىغا قوشۇۋېتىمىز. تۆت چاسىلانغان چەلپەككە تەييارلانغان قىيمىنى سېلىپ، بارماق توملۇقىدا يۆگەپ، ئاخىرقى يۆگەلگەن چېتىگە قويۇق كىراخمال سۈركەپ تەخسىگە سېلىپ، قاسقاندا بەش مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇۋېلىپ سەل سوۋۇغاندا قىيپاش توغراپ، تەخسىگە گۈل چىقىرىپ تىزساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125