خۇرۇچلىرى: كۈزلۈك ئالما 20 گىرام، خام تۇخۇم ئىككى دانە، ئالىي ئاق ئۇن 50 گىرام، كىراخمال 10 گىرام، شېكەر 150 گىرام، سۇيېغى بىر كىلوگىرام (ئەمەلىي خورايدىغىنى 100 گىرام).
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئالمىنىڭ پوستىنى نېپىز سويۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، سەككىز ياكى ئون پارچە قىلىپ ئۇزۇنچاق توغرايمىز. 2. بىر قاچىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئايرىۋېلىپ، ئۈستىگە ئالىي ئاق ئۇن ۋە كىراخمال سېلىپ ئۇماچ قىلىۋالىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا توغرالغان ئالمىنى مىلەيمىز. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ، يەتتە دەرىجە قىزىغاندا، ئالمىنى بىر- بىرلەپ سېلىپ، رەڭگى سارغىيىپ لەيلەپ چىققاندا سۈزۈۋالىمىز. 4. پاكىز قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ، ئۈستىگە شېكەر سېلىپ، بوش ئوتتا قاينىتىپ، چۆمۈچ بىلەن يېنىك قوچۇيمىز، شېكەر ئېرىپ كۆپۈكلەشكەندە ئالمىنى سېلىپ، بىر- ئىككى ئۆرۈپ ياغلانغان تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: شېكەرنى ياغدا ئېرىتمەي، سۇدا ئېرىتىپ قىياملاشتۇرساقمۇ بولىدۇ. بۇ خىل قورۇمىلارنى ئاپېلسىن، ئۈزۈم، ياڭيۇ، ياڭاق، قوغۇن قېقى قاتارلىقلاردىن يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە تەييارلىساقمۇ بولىدۇ. ئىستېمال قىلغۇچىنىڭ ئاغزى كۆيۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىر چىنە سوغۇق سۇ تەييارلاپ قورۇمىنى سوغۇق سۇغا تەگكۈزۈپ يېسەك بولىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)