قوناق ئۇن بېلىجىنى ئېتىش ئۇسۇلى
14:37:53 2022-06-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، بۇغداي ئۇنىدىن 100 گىرام، لوق گۆشتىن 200 گىرام، سۇياغدىن 100 گىرام، شوخلا قىزىل لازىدىن بىر تالدىن، بەسەيدىن ئۈچ يوپۇرماق، پىيازدىن بىر باش، سامساق، زەنجىۋىللەردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1.گۆشنى ئۇششاق توغرايمىز، باشقا كۆكتاتلارنىمۇ ئېھتىياجغا قاراپ ماسلاشتۇرۇپ توغرايمىز. 2. ئىككى خىل ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ ئازراق تۇز سېلىپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر سەل سوۋۇغاندا بىر چوڭ چىنىگە ئېلىپ، قايناۋاتقان قازانغا چىنىنى يانتۇ تۇتۇپ، چوكا بىلەن بېلىجان چوڭلۇقىدا قىرىپ چۈشۈرىمىز. ھەممىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ قاچىغا ئېلىپ قويىمىز. 3.قازانغا سۇياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىياز، ساماق، زەنجىۋىللەرنى سېلىپ داغلاپ، ئاندىن باشقا كۆكتاتلارنى نۆۋىتى بىلەن سېلىپ قورۇپ، تۇز- تەمىنى تەڭشەپ شورپىلىقراق قورۇما تەييارلايمىز. ئاخىرىدا چۆپنى قايتا قىزىتىپ لېگەنگە ئېلىپ، ئۈستىگە قورۇمىنى سېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125