خۇرۇچلىرى: ئېزىلمىگەن، سەككىز- توققۇز دەرىجە پىشقان ئەنجۈر بىر كىلوگىرام، شېكەر 550 گىرام، سۇ بىر كىلوگىرام، لىمون ئىككى دانە ياكى لىمون جەۋھىرى 25 گىرام.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئەنجۈرنى پاكىز يۇيۇپ، سىرلىق كورىغا سېلىپ چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 150 گىرام شېكەر سېلىپ، بوش ئوتتا 15 مىنۇتچە قاينىتىپ، سۈزۈۋالغان ئەنجۈرنى سېلىپ، ئىككى مىنۇتچە قاينىتىپ قويۇپ قويىمىز. 2. 12 سائەتتىن كېيىن يەنە ئوتقا قويۇپ، قايناي دېگەندە سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 200 گىرام شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ، 20 مىنۇتچە قاينىتىپ، ئەنجۈرنى سېلىپ، ئىككى- ئۈچ مىنۇت بوش ئوتتا قاينىتىپ ئوتتىن ئېلىپ قويۇپ قويىمىز. 3. 30 سائەتتىن كېيىن يەنە ئوتقا قويۇپ بوش ئوتتا ئىككى- ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ سۈيىگە قالغان شېكەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ، ئۈستىگە لىمون شىرنىسى ياكى لىمون جەۋھىرى ئېرىتمىسىنى قوشۇپ 15 مىنۇتچە قاينىتىپ، ئەنجۈرنى سېلىپ بوش ئوتتا بەش مىنۇتچە قاينىتىمىز، ئاندىن كورىنى ئوتتىن ئېلىپ، كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق ھالەتتە قويۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن سوغۇق يەردە ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ئوزۇق بولىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، يۈرەك، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، قاننى ساپلاشتۇرىدۇ، تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)