قوناق ئۇنى جۇۋاۋىسى ئېتىش ئۇسۇلى
14:49:15 2022-06-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، لوق گۆشتىن 100گىرام، پىيازدىن بىر باش، چامغۇردىن ئىككى باش: تۇز، ئاقمۇچ. پالەك، شوخلا، كۆك ۋە قىزىل لازىلاردىن ئازراق.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا چانالغان پىياز، تۇز، ئاقمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز. 2.چامغۇرنى چوڭراق توغراپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ قاينىتىپ قويىمىز. 3. قوناق ئۇنىغا تۇز سېلىپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ، سەل سوۋۇغاندا ئەمبەلگە قويۇپ باش بارماق توملۇقىدا پىلتا قىلىپ، ياڭاق چوڭلۇقىدا زۇۋۇلا ئۈزۈپ، ئالىقانغا ئېلىپ يالپاقلاپ، ئۇنىڭغا قىيمىنى ئېلىپ جۇۋاۋا تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرىمىز، جۇۋاۋا پىشقاندا  تەييار قىيما، توغرالغان پالەك، شوخلا، كۆك ۋە قىزىل لازىلارنى سېلىپ بىر قاينىتىپ، تۇز- تەمىنى قايتا تەڭشەپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل. 

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125